خەت - چەكلەر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يېزىق بىلەن قىلىنىدىغان ئالاقىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە دائىم ئىشىتىلىدىغان شەكلى. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى مەشھۇر، تەجىرىبىلىك يازغۇچى، سەنئەتكار، ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ خەت - چەكلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئەدىبلەرنىڭ يېزىلغان ياكى يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىگە باھا بېرىش، بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىدىكى تەپەككۇر تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇش .... قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن توشقان بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى تەتقىق قىلىش، تۈرگە ئايرىش، نەشر قىلىش مۇھىم نۇقتا قاتارىدا ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشمەكتە. بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى، خاھىشى، تەجرىبىسى ۋە مېتودىنى يەكۈنلەشكە، ئۆگىنىشكە ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا پايدىلىق. مەسىلەن: <گيوتې خەت - چەكلىرى>. <لېۋ تولستوي خەت - چەكلىرى>، <لۇشۈن خەت - چەكلىرى> قاتالىقلارنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇنىڭ مىسالى.