UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي ئاخبارات

ئەدەبىي ئاخبارات

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بىر تۈرى، ئەدەبىيات - سەنئەتچانلىقى كۈچلۈك ئاخبارات خەۋىرى. ئۇ خەۋەر بىلەن ئەدەبىيلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن. تۇڭشۈن بىلەن ھېكايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئەدەبىي ژانىر. <ئەدەبىي> دېيىشتىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇ ئىپادىلەش جەھەتتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىلىدۇ، ئوبرازلىق، تەسىرلەندۈرەرلىك ھالدا تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. <ئاخبارات> دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى، تېما جەھەتتىن ئۇ ھەقىقىي ئادەم، چىن ئىشلارنى ئاخبارات سۈپىتىدە خەۋەر قىلىدۇ. ئەدەبىي ئاخبارات ژانىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان، ئېلىمىزدە ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ ھازىرغا قەدەر ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئەدەبىي ئاخبارات تۇرمۇشنى تېز ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكتىن، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھەقىقىي ئادەم ياكى چىن ئىشلارنى گەۋدىلىك تەسۋىرلەپ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا ئۆز ۋاقتىدا ماسلاشقانلىقتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە <چەۋەنداز ژانىر> دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەدەبىي ئاخبارات ئەدەبىيات بىلەن ئاخبارات خەۋىرىنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ھەر خىل تىپىك پېرسوناژلار ۋە ئىشلارنى بىۋاستە سۈرەتلەپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى جىددىي ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۇلارغا جاۋاپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدۇ ھەمدە كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ۋە كۈرەشلىرىگە تېخىمۇ ئوبدان قاتنىشىشىدا مەسلىھەت بېرىدۇ، تەربىيىلەيدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جون رىدنىڭ <دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئون كۈن>، ئېدگارسنونىڭ <غەربكە سەپەر> ئەسەرلىرى داڭلىق ئەدەبىي ئاخباراتتۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات