UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىماژىزم

ئىماژىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تەسىرچىلىك ئەنگىلىيە، ئامىرىكا قاتارلىق جايلاردا تارقالغان ھازىرقى زامان شېئىرىيەت ئېقىمى. 1913 - يىلى شۇم. پاندى ۋە فىلىنىت قاتارلىقلار لوندوندا تەسىرچىلىك خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ ئوبيېتىپ ۋە سۇبتېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاستە ئىپادىلەشنى، "ئىپادىلەشكە"كە ياردىمى تەكمەيدىغان ھەرقانداق سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى، ئېغىز تىلى رىتىمىنى ئەنئەنىۋى رىتىم ئورنىغا دەسسىتىشنى تەلەپ قىلدى. تەسىرچىلەرنىڭ ئالاھىدىكى "دەرھال تەسىر قىلغان ئوي - پىكىر ۋە ھېسسياتنىڭ قايتىدىن بىرلىششى "نى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. ئۇلار كۆرۈش سەشگۈسىگە تەسىر قىلغان نەرسىلەر ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بولىدىغان بىۋاستە سېزىم ۋە ئوي پىكىرلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ . بۇ ئېقىم ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكىدىكى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئېغىز تىلىنى كۆپرەك قوللىنىش، ئەركىن شېئىر يېزىش ۋە تەسىراتىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتلەردە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات