نىئولوگىزم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
( يېڭى سۆزلەر ) گرېكچە neos — يېڭى، logos — سۆز سۆزلىرىدىن
جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىپادە قىلغۇچى يېڭى سۆزلەر، مۇنداق سۆزلەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە دائىم ئۇچرايدۇ، يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ يېڭى چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەش، يېڭى سۆز، ئاتالغۇلارنىڭ قېلىپلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشقەدەم ئۇستازلىرى بۇ ساھەگە سەل قارىمىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نىم شېھىت ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئاپتوموبىل، ئىنژېنېر، پاراخوت، ئاپتونومىيە، ئايروپىلان ... دېگەندەك سۆزلەرنى قوللىنىپ يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەپ، ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇش ۋە تەرەققىياتنى تونۇش جەھەتتىكى رولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
نىئولوگىزم تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن يېڭىلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يېڭى سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسىلەن: كوممۇنىزم، سوتسىيالىزم، تۆمۈر يول، بەشيىللىق پىلان، ئىسلاھات، ئاپتونومىيە ۋە ھاكازا.