UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىنتىم لىرىكا

ئىنتىم لىرىكا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يۈرەكتىن ئېيتىلغان سەمىمىي دوستلۇق ۋە مۇھەببەت سۆزلىرى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ل. مۇتەللىپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ سۆيگۈ ھەققىدىكى لىرىكىلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولىدۇ. شائىر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئېستېتىك غايىلىرى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنتىم لىرىكا ياراتسا، بۇنداق ئەسەرلەرمۇ خەلق ئاممىسىنى بەدىئىي تەرەپتىن تەسىرلەندۈرۈش ۋە تەربىيلەشتە غايەت زور رول ئوينىيالايدۇ. سەمىمىي سۆيگۈ، ۋاپا ھەم ساداقەت تۇيغۇلىرىنى تەرەننۇم قىلىش كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ ۋە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، مۇھەببەت، ئائىلە، بەخت ۋە باشقا ھايات، تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى توغرا تونۇۋېلىشقا ۋە ئىنسانىيەتچىلىك پەزىلىتىنى ئىگەللەشكە ئۆگىتىدۇ، شائىر ئېيتقاندەك: سۆيگۈ نېمىلىكىنى ئاڭلىماق بولساڭ، پاكىزە ساقلىماق بولساڭ ھەر نەپەس. مەنسەپ ۋە ھۆسىننىڭ كەينىدىن يۈرمە، سۆيگۈنى ۋاپا دەپ تىڭلىيالىساڭ بەس. (شۈكرۇللا) ئىنتىم لىرىكىدا شائىرنىڭ ئۆتكەن ياشلىقىنى سېغىنىش ۋە ئۆسكەن يۇرتىنى ئۇلۇغلاش ھېسسىياتى ۋە دوستلۇق مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك لەززىتىمۇ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. تۆۋەندە ئېلىمىزنىڭ «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى» دىن بىر نەچچە مىسالنى كۆرىمىز. كونا دوست تەييارلاپ ماڭا زىياپەت، چىللىدى ئۆيىگە مېنى بىر زامان. باراقسان دەرەخلەر قاپلىغان يېزا، ياپيېشىل تاغ بىلەن قات - قات ئورالغان. روجەكتىن كۆرۈندى خامان، ئوتياشلىق، مەي ئىچىپ مۇڭداشتۇق شۇلار ھەققىدە. كېلىمەن بۇ يەرگە يەنە باشقىدىن، چىنەگۈل ئېچىلغان مۇشۇنداق پەيتتە. ئاسمانغا تاقاشقان راۋاق ئۈستىدە، مەي ئىچىپ ئولتۇردۇم پەقەت شۇ كېچە. ئۆيۈمنى ئېسىمگە ئالماسلىق ئۈچۈن، مەي ئىچتىم شىركەيپ بولۇپ قانغىچە. (لى بەي. ت. ئالماس تەرجىمىسى)
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات