ساتىرا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچەsatura تۈرلۈك، ئارىلاش سۆزىدىن )
ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ مەلۇم تەرىپى ياكى ئايرىم گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنىڭ يارىماس، سەلبىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئاچچىق كۈلۈپ ۋە ئۇنى تەنقىدىي تەسۋىرلەپ يېزىلغان ھەجۋىي ئەسەر. ساتىرىك ئەسەرلەر تۈرلۈك ژانىرلاردا (رومان، پوۋېسىت، ھېكايە، شېئىر ۋە باشقا ژانىرلاردا ) يېزىلىشى مۇمكىن، ئۇ ھالدا مۇنداق ئەسەرلەر «ساتىرىك رومان» ، «ساتىرىك پوۋرېسىت»، «ساتىرىك ھېكايە» ، «ساتىرىك شېئىر» دەپ ئاتىلىدۇ.
يازغۇچى ساتىرادا مۇبالىغىدىن، فانتازىيىدىن پايدىلىنىش يولى بىلەن ۋەقەنى ئەتەي كۆپتۈرىدۇ. يازغۇچىنىڭ ساتىرىك ئوبرازنىڭ تاشقى قىياپىتىنى مەسخىرلا قىلغانلىقى كىشىلەرنىڭ نۇقسانلىرىدىن كۈلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئاچچىقلانغان ھېسنىڭ كۈچى، ئالىيجاناپ غەزەپنىڭ گۈلدۈرمامىسى ۋە چاقمىقى بولۇشى كېرەك.(ۋ. گ. بېلىنسىكى) . مانا مۇشۇنداق ساتىرا ئىجتىمائىي ھاياتتىكى كەمچىلىكلەرنى تۈىتىش ۋە ئىللەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.