رىتورىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە rheror نۇتۇق سۆزىدىن)
ئۆتمۈشتە نۇتۇق سۆزلەش سەنئىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس پەن «رىتورىكا» (ئىلمىي كالام) دەپ ئاتالغان، ئۆز زامانىسىنىڭ ناتىقلىرى ۋە خاتىپلىرى (خۇتبە ئوقۇغۇچىلىرى) شۇ ئىلىم ۋە تەجرىبە تۈپەيلىدىن چىرايلىق ۋە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەش سەنئىتىگە ئىگە بولغان.
بىزنىڭ زامانىمىزدا مۇنداق خۇتبە ناتىقلىرى ئەمەس، بەلكى خەلقنى تەربىيىلەيدىغان ناتىقلار قەدىرلىنىدۇ، بۇ ئۇقۇم كۆچمە مەنىدە رىتورىك نۇتۇق دەپ ئاتىلىدۇ. شېئىرىي نۇتۇقلاردا «رىتورىك مۇراجئەت » (خىتاب) ۋە «رىتورىك سوئال» دەپ قوللىنىلىدۇ.