مۇھىت تەسۋىرى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئادەم بەلگىلىك شارائىت (مۇھىت) ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ، شۇڭا ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار يەككە - يىگانەبولماستىن، ئەتراپتىكى مۇھىت شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەرلەردە پېرسوناژ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان، پېرسۇناژ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە راۋاجىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان شارائىتنى تەسۋىرلەش مۇھىت تەسۋىرى دېيىلىدۇ.