رىتورىك خىتاب
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىز سۆزلىگەندە، ياكى كىتاب يازغاندا چوقۇم بىرەر ئوبيېكتىمىز بولىدۇ (ئاڭلىغۇچى بىلەن كىتابخان) . سۆزىمىز بىلەن ماقال - ئەسىرىمىز كىتابخانىغا قارىتىلغان بولىدۇ. ئاپتور ياكى ناتىق ھاياجانلارنغانلىقى ئۈچۈن ئاڭلىغۇچى ياكى كىتابخاننى ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە ئۆز ئەسىرىدىكى پېرسوناژلارنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدۇ، ياكى خىتاب قىلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئىستىلىستىكىدا رىتورىك خىتاب دېيىلىدۇ.