UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتپېرسونالىزم

پېرسونالىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى خاراكتېرچىلىق. ھازىرقى زامان بۇرژۇئازىيىسىنىڭ پەلسەپە تەلىماتى. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىمۇ بازىرى ئىتتىك. ئۇلار دۇنيادىكى ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك <خاراكتېر> ئەڭ ئالىي خاراكتېرنىڭ <ئاللانىڭ> ئىرادىسى، ياكى مەقسىتى بويىچە راۋاجلىنىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئالەمنىڭ ئۆز تەرتىپى بولىدۇ، ئەمما بۇ تەرتىپ ئاتالمىش <ئەخلاقىي تەرتىپ> دىن ئىبارەت دېگەنلەرنى تەكىتلەيدۇ. ماتېرىيالىستلارنى پەقەت مادىي مەنپەئەتكىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان يۈكسەك غايىسى يوق كىشىلەر دەپ ھاقارەتلەيدۇ. خاراكتېرچىلار (پېرسونالىستلار) ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇپ <قولغا كەلتۈرۈشكە تېگىشىكى بىر يېڭى دۇنيا ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر مەنىۋى تۇرمۇش> (فېلىۋېلىنىگ)، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكى ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈم بولماستىن، بەلكى <ئادەمنىڭ خاراكتېرى> ياكى مەنىۋى ھالەت دېگەنلەرنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى <مەنىۋى جەھەتتىن ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش> كە ۋە <ئەخلاقىي جەھەتتىن قايتا تۇغۇلۇش> قا يېتەكلەشكە ئۇرۇنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات