UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتفىگۇرا ياكى ستېلىستىك فىگۇرا

فىگۇرا ياكى ستېلىستىك فىگۇرا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لاتىنچە figura ئوبراز، كۆرۈنۈش سۆزىدىن بەدىئىي سۆزلەرنىڭ ئىپادە قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس سۆز - ئىبارىلەر، ئادەتتىن تاشقىرى نۇتۇق تۈزۈلۈشى. ئادەتتە ئىنۋىرسىيە، رىتورىك سۇئال، پاراللېلىزم، بىر تۈردىكى باشلانما، خىلمۇخىل كۆرۈنۈش، خاتىمە ۋە باشقىلار ئىستىلىستىك فىگۇرىغا كىرىدۇ، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ستېلىستىك فىگۇرىنىڭ ھەر خىل كۆرۈنۈشلىرى قوللىنىلغان. شۇلارنىڭ بىرى «مۇساۋىيات تەرەپەين» دەپ ئاتالغان شېئىر تۈرىدۇر. بۇنداق شېئىردا مىسرلارنى ئادەتتىكى ئوقۇلۇشىدىن تاشقىرى، يۇقىرىدىن پەسكە قاراپ ئوقۇشمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا ئوقۇلمىسۇن، يەنىلا شۇ شېئىرنىڭ ئۆزى كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندە «تارىم» دىن بىر مىسال ئالدۇق. كىتاب ئىنسانغا ئالتۇندىن ئەلا، ئىنسانغا بېرۇر بىلىم بىباھا. ئالتۇندىن بىلىم قىممەت بىباھا، ئەلا بىباھا دەپتىكەن دانا. (ئەنۋەر ئىسمائىل) بۇ شەكىل ئاپتۇردىن پىكىر چوڭقۇرلۇقنى، زېھنىي ئۆتكۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات