UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىنسان تەبىئىيى

ئىنسان تەبىئىيى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئىنسان تەبئىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيتى بولۇپ، ئۇ، ئىنسانلارنىڭ"تەبئىي خۇسۇسىيتى" بىلەن سىنىپىيلىكتىن خالى بولغان ئىجتىمائىي خۇسۇسىيتىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمىنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ. ئىنسان تەبئىيىتى پەقەت ئۆتكەن ئىپتىدائىي جەمئىيەت بىلەن كەلگۈسىدىكى كوممۇنىزم جەمئىيتىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، سىنىپىي جەمئىيەتتىمۇ ئورتاق ئىنسان تەبئىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان تەنئىيىتى ئارقىلىق سىنىپىيلىكنى ئىنكار قىلىش خاتا. سىنپىيلىكنىلا ئېتراپ قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىمۇ ئوخشاشلا خاتا. سىنىپلار يوقىلىشى ۋە كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسان تەبىئىتى تېخىمۇ يۈكسەك باسقۇچتا ساغلاملىشىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ. ماركس«كاپىتال» دېگەن ئەسىرىدە: "ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئۇمۇمىي تەبئىيىتىنى،ئاندىن كېيىن ھەربىر دەۋىردە تارىخىي يۇسۇندا ئۆزگىرىپ بارغان ئادەم تەبئىيىتىنى تەتقىق قىلىش لازىم" ① (ك.ماركىس: «كاپىتال»، 1 - توم، خەنزۇچە نەشرى)دەپ كۆرسىتىپ ، ئىنسان تەبئىيىتىنىڭ ئۇمۇمىيلىقى بىلەن مۇئەييەن دەۋىردىكى ئالاھىدىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن. يولداش ماۋزىدوڭمۇ: "بىز پرولېتارىياتنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى قۇۋۋەتلەيمىز "② («ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى »3 - توم 1967 - يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 145 - بەت)دېگەنىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنسان تەبئىيىتى ئەمەلىيەتتە خەلق دېگەن مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئورتاق ئىنسان تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ سىنپىيلىكتىن خالى ئىجىتىمائىي خۇسۇسىيتى دېگىنىمىزدە، بۇ ئاساسەن ئانا - بالىلىق مۇھەببىتى، ئەر - ئاياللىق مۇھەببىتى، ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش،دوستلىرىغا سادىق بولۇش، گۈزەللىكنى ياقتۇرۇش قاتارلىق كىشىدە دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ھېسسىياتنى كۆرسىتىدۇ . ئاتا - بالا ۋە قېرىنداشلىق مىھرى ، ئائىلە لەززىتى ئىنسانيەت جەمئىيەتنىڭ ئائىلە تەشكىلاتى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ بىر خىل ئۇمۇمىي ئىنسان تەبئىتى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ماركىس رەپىقىسىگە يازغان خېتىدە : "ھالبوكى مېنىڭ مۇھەببىتىم، . . . پرولتارىياتقا بولغان مۇھەببەتمۇ ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈكۈمگە، يەنى ساڭا بولغان مۇھەببەت، كىشىنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان مۇھەببەت"① (جېننى ماركسقا يېزىلغان خەت. «ماركس ئېنگىلىس ئەسەرلىرى»، 29- توم، 515 - بەت.)دېگەن. رېئال تۇرمۇشتا كونكرېت ئادەمنىڭ ئۆزىدە سىنىپىيلىق بىلەن ئىنسان تەنىئىتى كۆپىنچە گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ،سۈت بىلەن سۇدەك قۇشۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. بەزىدە يەنە بىرسى مۇھىم تەرەپ بولىدۇ. بۇنى ماركسزىملىق ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيسى بويىچە تەھلىل قىلىشىمىز لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات