ئىنۋېرسىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە inversi - ئورۇن ئالماشتۇرۇش سۆزىدىن
تۇتۇق بۆلەكلىرىنىڭ گرامماتىك نورمىدىن تاشقىرى ھالەتتە قوللىنىشقا ئاساسلانغان ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن بىرى، ئىنۋېرسىيە شېئىر نۇتۇقتا، شۇنداقلا يازما نۇتۇقلاردا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شېئىرىيەتتىكى ئىنۋېرسىيە كۆپرەك شائىرنىڭ خاھىشىغا باغلىق بولىدۇ. چۈنكى، شائىر مەلۇم سۆزلەرنى تەكىتلەش ۋە ئۇلارنىڭ تەسىر قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇتۇقتا سۆزلەرنىڭ ئورنىنى گرامماتىك قائىدىگە زىت بولمىغان ھالدا ئەتەي ئۆزگەرتىدۇ، ئالماشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پوئېتىك سنتاكسىسنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئىنۋېرسىيە شائىرنىڭ ئەسەر غايىسىنى بىرىنچى پىلانغا قويۇش نىيىتى بىلەن باغلانغان قانۇنىي ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. تەكىتلىمەكچى بولغان پىكىرگە مەنتىقى ئۇرغۇ بېرىش، ئۇنى كۈچەيتۈرۈش ۋە شېئىرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا بۇ ئۇسۇلنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ.
مەسىلەن:
يايلاققابارىمەن دەريا ياقىلاپ،
غۇرقىراپ ئۇچماقتا سەھەر سالقىنى.
سمابتەك سۈزۈك سۇ ئاقسا شارقىراپ،
ھۆسنىدىن ئەكس ئېتەر ئىقبال يالقۇنى.
بۇ شېئىر گەپتىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبى ئادەتتىكى جۈملە قۇرۇلۇشىدىن باشقىچە بولۇپ كەلگەن. يەنى شائىر «دەريانى ياقىلاپ يايلاققا بارىمەن، سەھەر شامىلى غۇرقىراپ چىقماقتا. سىمابتەك سۈزۈك سۇ يالتىراپ ئاقسا، ھۆسنىدىن ئىقبال يالقۇنى ئەكس ئېتىدۇ» دېگەن ئادەتتىكى گەپ تۈزۈلۈش قائىدىسىنى شېئىرىي نۇتۇقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يۇقىرىقى ھالەتكە كەلتۈرگەن.