ئانتىكلېرىكال ئەدەبىيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئومۇمەن ئوتتۇرا ئەسىر دىنىي مۇتەئەسسىپلىرىگە، بولۇپمۇ زاھىدلىرىگە قارشى بەدىئىي ئەدەبىيات شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا لۇتفى، ناۋايى، ئاتايى، ئۇلاردىن كېيىنرەك مەشرەپ قاتارلىق ئەدىبلەر ئانتىكلېرىكال شېئىرلارنى ياراتقانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياۋى ئەدەبىياتى شۇنداق ئانتىكلېرىكال ماتىۋلار بىلەن كامال تاپقان ئەدەبىيات ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى، بولۇپمۇ ئەلشىر ناۋايى دىنىي مۇتەئەسسىپلەرگە، تەركىدۇنياچى، سوپى، زاھىدلارغا قارشى قاتتىق كۈرەش ئېلىپ بارغانىدى، ئايرىم دىنىي، خۇراپىي چۈشەنچە ۋە چىرىك ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئەيىبلىگەنىدى. ناۋايىنىڭ بىر قاتار لىرىك شېئىر، غەزەللىرى <ھەيرەتۇل ئەبرار>، <مەھبۇبۇل قۇلۇپ> ۋە باشقا ئەسەرلەردىكى كۆپلىگەن بابلار ۋە پارچىلار ئانتىكلېرىكال ئەھمىيەتكە ئىگە. تۆۋەندىكى رۇبائى ناۋايىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنىڭ روشەن بىر مىسالى بولالايدۇ.
زاھىد ساڭا ھۈررۈ، ماڭا جانانە كېرەك،
جەننەت ساڭا بولسۇن، ماڭا مەيخانە كېرەك.
مەيخانە ئارا ساقىيۇ پەيمانە كېرەك،
پەيمانە كېرەك بولسا، تولا يانە كېرەك.