بەدىھە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەخسۇس تەييارىقسىز، بىراقلا ئېيتىلغان سۆز، شېئىر. بۇ ھال سوۋېت ئۆزبېك يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرىدا، ئۇيغۇر رومان، ھېكايىلىرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يازغۇچىسى قەييۇم تۇردى يازغان <قىزىل تاغ باتۇرلىرى> ناملىق پوۋېستنىڭ <تاغ مەشرىپى> دېگەن قىسمىدىكى مۇنۇ ئېيتىشىشنى بەدىھەنىڭ ئوبدان مىسالى دېيىشكە بولىدۇ:
ئايىمگۈل:
ئېگىز تاغدا كۆرۈنگەن،
كۈمۈشمىكىن، قارمىكىن؟
ئابلىكىم:
كۈمۈش سۇنى ئېپكېلىشكە، غەيرىتىڭىز بارمىكىن؟
خەلق قوشاقلىرى، لەپەرلىرى، كۆپىنچە <بەدىھە> تەرىزىدە يارىتىلىدۇ. خەلق شائىرلىرىنىڭ ھازىر جاۋابلىق بىلەن قىلىدىغان ئېيتىشىشلىرى چەت ئەل ئەدەبىياتىدا ئىمپروۋىزاتورلۇق نەمۇنىسى دېيىلىدۇ.