UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياترىتىم

رىتىم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە rhytmos ۋەزىنداش، ئاھاڭداش سۆزىدىن) شېئىرىي نۇتۇقتىكى بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە بىر ئۆلچەمدە تەكرارلىنىپ كېلىشى. بارماق ۋەزنىدىكى شېئىردا رىتىم مىسرالاردىكى بوغۇملارنىڭ بىر تەقلىدتە تەكرەرلىنىشىدىن، تۇراق،قاپىيە ۋە رادىفلاردىن ھاسىل بولىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىردا رىتىم ئاھاڭدارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇملارنىڭ قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوچۇق ۋە يېپىق بوغۇملارنىڭ ماسلىشىشى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مۇنبەر ئەدەبىياتى دەپ ئاتىلىدىغان ئەركىن (چاچما) شېئىردا، ھەربىر قۇردىكى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىشىدىن رىتىم - ئاھاڭ پەيدا بولىدۇ. شېئىرنىڭ غايىۋى يۆنىلىشىگە قاراپ، سۆزلىشىش ئاھاڭىدىن، لىرىك ۋە دراماتىك ئاھاڭدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ، چېكىت، پەش قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىگە قاراپ ئاز - تولا توختاپ ئوقىلىدۇ. يەنى، لىرىك تىنىش - پائۇزىلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر سۆز چوڭقۇر مەنە ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن «سولغا مارش» (ماياكوۋسكى) ، «سالام تارىمدىن» (م. سادىقۇۋ) شېئىرلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كۇپايە. ئەسلىدە رىتىملىق نۇتۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك ۋە كۈرەشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ئەمگەكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشىدا، باپكارنىڭ دەستگاھدا ئىشلىشىدە، ستانوك ياكى پويىزنىڭ تارقىلدىشىدا رىتىملىق ئاۋاز بولىدۇ. قىسقىسى، سائەتنىڭ چىكىلداپ مېڭىشى ۋە كىشى يۈرىكىنىڭ سوقۇشىدىمۇ بەلگىلىك رىتىم بار.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
رىتىم | UyghurWiki | UyghurWiki