ئوپېرا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ناخشىنى ئاساس قىلىپ مۇزىكا، شېئىر، ئۇسۇل، شەكىل ( دېكوراتسىيە ) قاتارلىق سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرغان تىياتىر شەكلى.
ئوپېرانىڭ ئاساسى يەنىلا ئوپېرا سېنارىيىسى بولۇپ، پېرسۇناژلارنىڭ دىئالوگ، مونولوگ، ياندىما سۆزلەرنىڭ ھەممىسى شېئىر بىلەن يېزىلىدۇ. سەھنە ئوپېراسى ئاشۇ شېئىرلارغا ئىشلەنگەن ئاھاڭ بىلەن ناخشىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ناخشا ئارقىلىق دراماتىك كومپىلكت ئېچىپ بېرىلىدۇ ۋە تىياتىر مەزمۇنى ئىپادىلىنىدۇ.