تېلېۋىزىيە تىياتىر ياكى تېلېۋىزىيە فىلىم
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تېلېفىلىم دەپمۇ ئېيتىلىدۇ. رادىئو، تىياتىر ۋە كىنو فىلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكىرىنى يۇغۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان، تېلېۋىزور ئىكرانىدا كۆرسىتىلىدىغان، كۆرۈش سەزگۈسى پەيدا قىلىدىغان ئوبرازلىق سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تېلېۋېزىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىي قىىشى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان.
تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېپيېڭى سەنئەت سۈپىتىدە تۆۋەندىكىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: 1. چوڭغىمۇ، كىچىككىمۇ ئوخشاش ئوڭايلىق كەلتۈرۈپ، ھەممىگە بىردەك بەدىئىي زوق بېرىدۇ. ئۇنى كۆرگۈچىلەر ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەركىن، بىمالال كۆرىدۇ. ئالدى ئورۇن، كەينى ئورۇن، يىراق - يېقىن دېگەندەك غەلۋىلىرى يوق. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن قۇلاي شارائىتقا ئىگە <ئائىلىۋى سەنئەت> ئاتىلىدۇ. 2. رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى تېز، ۋاقتى - قەرەلىدە بولىدۇ. تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىسقا، ئىخچام، دراماتىك توقۇنۇشلىرى ئاشۇ سەۋەبتىن يىغىنچاق، كاتىنىلىرى، مەنزىرىلەر تۇرمۇشقا ناھايىتى يېقىن بولغانلىقتىن نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى تېز ئەكىس ئەتتۈرۈشكە يەنىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. 3. ئۇ يىغىنچاق، قىسقا، ئەپچىل، چىنلىقلىقى كۈچلۈك، تەبىئىي بولىدۇ.
تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۆۋەندىكى خىللارغا بۆلۈنىدۇ:
1) يەككە تىياتىر. بۇ بىرلا قىسىم بولىدۇ. شۇ بىرلا قېتىمدا ئىپادىلىمەكچى بولغان ھەممە مەزمۇن ئورۇنلىنىپ بولىدۇ.
2) كىچىك تىياتىر. بۇمۇ بىرلا قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. لېكىن تېخىمۇ قىسقا بولىدۇ. ئۇزۇنراقلىرى 20 - 30 مىنۇت ئىچىدە، قىسقىلىرى بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئورۇنلىنىپ بولىدۇ.
3) چاتما تىياتىر. بۇ كۆپ قىسىملىق تىياتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ۋەقەلىكى ۋە پېرسوناژلىرى ئۆز ئارا چېتىشىپ داۋاملىشىۋېرىدۇ، ئەمما، ھەر قايسى قىسمى يەنە ئۆز ئالدىغا بىر ئابزاس بولۇپ مۇئەييەن سۇژېت مۇستەقىللىقىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇنى بىر قىسىم، بىر قىسىمدىن ئايرىپ قويۇشقىمۇ، ئىككى، ئۈچنى ئۇلاپ قويۇشقىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: <ۋۇسۇڭ> قاتارلىقلار.
4) يۈرۈشلەشكەن (يۈرۈشلۈك، بىر يۈرۈش) تىياتىر. بۇنىڭدا بىر، ياكى بىر نەچچە ئاساسىي پېرسوناژ پۈتكۈل تىياتىر قۇرۇلمىسىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ۋەقەلىكى بىر - بىرى بىلەن چېتىشمايدۇ. ھەر قايسى قىسمى ئۆز ئالدىغا بىر يېڭى ۋەقەلىك سۇژېتىغا ئىگە بولىدۇ، ئۇ قىسىم بىلەن بۇ قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى سۇژېت باغلىنىشلىقى بولمايدۇ. مەسىلەن: يۇگوسىلاۋىيىنىڭ تېلېۋىزىيە يۈرۈشلۈك تىياتىرى <قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر>، ئەنگىلىيىنىڭ تېلېۋىزىيە يۈرۈشلۈك تىياتىرى <ھولمېسنىڭ دېلو رازۋېت قىلىشى> قاتارلىقلار.