UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتكلاسسىزم

كلاسسىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىنكى 17 - 18 - ئەسىرلەردە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان، تەسىرى چوڭ بولغان بىر خىل ئەدەبىي ئېقىم. ئۇ 19 - ئەسىرگە كەلگەندە، رومانتىزم ئاساس قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت پىكىر ئېقىمىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن تەدرىجي ھالدا يوقلىپ بارغان. كلاسسىزمدا رېئالىزمنىڭ ئامىللىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مەلۇم دەرىجىدە ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھالىتى، فىئوداللىق تۈزۈمگە قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ئىپادىلەنگەن. كلاسسىزم خاھىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خېلى بۇرۇنلا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ناۋايى، نازارى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ خاھىش خېلى روشەن ئىپادىلەنگەن
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات