ئەپسانە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(پارسچە فىسۇن، فۇسۇن، سېھىر، ئەۋرەش، مىكىر سۆزىدىن)
بىر تارىخىي ھادىسە ياكى كەچمىش ۋەقەنى فانتازىيىلىك تەرزدە تەسۋىرلىگۈچى ئەسەر.
ئەپسانە قەدىمكى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئېپىك ژانىرلىرىدىن بىرىدۇر. قەدىمكى ئەپسانىلەرنىڭ كۆپى قەھرىمانلىق ئەپسانلىرى بولۇپ، ئۇلار خەلىقىنىڭ چەت ئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەسۇرانە كۈرەشلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. قەدىمكى گرېك تارىخچىسى گېرودوتنىڭ <تارىخ> كىتابى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن <تۇمارىس> ئەپسانىسى، رىم تارىخچىسى پولىئەننىڭ <ھەربىي ھىيلىلىرى> ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن <شىراق> ئەپسانىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ھېكايە قىلغۇچى ئەسەرلەردۇر.
قەھرىمانلىق ئەپسانىلىرى بىلەن بىرگە ئىشقى - ھەجۋىي ئەپسانە تۈرلىرىمۇ بار، خىسراۋ، شېرىن، مەجنۇن ۋە باشقىلار ھەققىدىكى ئەپسانىلەر شەرق خەلىقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە بۇلار يازما ئەدەبىياتتا يىرىك ئېپىك ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئاساس بولغان. يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە، نۇرغۇن ھاللاردا، مۇشۇنداق خىيالىي ھېكايە ۋە رىۋايەتلەردىن ئىجادىي ھالدا پايدىلانغان. مەسىلەن: ئەلشىر ناۋايىنىڭ <خەمىسە> سىدىكى بەھرام ئەپسانىسى، ئىسكەندەر ئەپسانىسى ۋە باشقىلار بۇنىڭغا روشەن مىسا بولالايدۇ.