تېكىستولوگىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ قوشۇمچە بىر ساھەسى. ئۇ بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ تۈرلۈك (قول يازما، باسما) نۇسخىلىرىنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى (ياكى بۇنىڭغا يېقىن نۇسخىسى) نى تىكلەيدۇ، ئېنىقلايدۇ، تېكىستنى نەشرگە تەييارلايدۇ.