شېئىرىي مەسەل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەسەللەرنىڭ شېئىر شەكلى بىلەن يېزىلغان تۈرى.
شېئىرىي مەسەللەر نەسىرى شەكىل بىلەن يېزىلغانلىرىغا قارىغاندا ئاھاڭدار بولۇشى بىلەن قەدىرلىكتۇر ۋە ئۇ شۇ سەۋەبتىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا ئىگە. ئېغىزغا چۈشۈپ بېرىشى راۋان، ئەپلىك بولغانلىقتىن تارقىلىش كەڭ، ئۆزلىشىشى تېز بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرى مەسەلنىڭ سالمىقى خىلى زور. زۇنۇن قادىر شېئىرى مەسەل يېزىشنىڭ ئوبدان ئۈلگىسى بولۇپ «قوشچى بىلەن چاشقان» ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.