UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي ئوبزور

ئەدەبىي ئوبزور

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن باھالايدىغان نەزەرىيىۋى ماقالە. ئەدەبىي ئوبزورلارنىڭ ئەدەبىي تەنقىدتىن پەرقى شۇ يەردىكى، ئۇ ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى مەنتىقىلىق چۈشەندۈرىدۇ ۋە بېيىتىدۇ ھەمدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى، جەريانى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي رولى توغرىسىدا، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت تارىخىي، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، ئىجادىيەت كەلگۈسى توغرىسىدا قانۇنىيەتلىك تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ ۋە كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇمۇ ئەدەبىي تەنقىدكە ئوخشاش كونكرېت ئەسەرلەر ئۈستىدە، مەلۇم ئەسەرنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى ھەققىدە باھا ئېلان قىلىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئومۇمىي خاھىشى جەھەتتە بەرىبىر يەنە بىر ئەسەر ياكى بىر ئەسەرنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ ئومۇمىي ئەدەبىي ھادىسىلەرگە باھا بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات