UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئېپىك شېئىر

ئېپىك شېئىر

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى كونكرېت پېرسوناژ ياكى ۋەقەلەر ئاساسىي ئوبيېكت قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن شېئىرىي ئەسەرلەر ئېپىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ئىدىيىسى بىلەن غايىسى تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبراز ياكى ۋەقەگە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مەسىلەن: ل. مۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ھەم نەپرەت» ناملىق ئەسىرى ئېپىك شېئىردۇر. ئېپىك شېئىرلار ئىپادىلىگەن مەزمۇنغا ئاساسەن جەڭنامە، ئېپوپىيە (چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن ئەسەر)، داستان، باللادا، ئېيتىشىش قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات