UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەۋسۇم قوشاقلىرى

مەۋسۇم قوشاقلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يىل پەسىللىرىنى تەسۋىرلەپ، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت ھادسىلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن قوشاقلار. مەۋسۇم قوشاقلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ژانىرلىرىدىن بىرىدۇر. مۇنداق قوشاقلار مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە كۆپلەپ مىسال كەلتۈرۈلگەن. ھازقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىمۇ بۇ ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «نورۇز كەلدى» ۋە «قارلىق تاشلاش» قوشاقلىرى شۇنىڭ بىر تۈرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات