ئىجابىي پېرسوناژ
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچى ئەسىرىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە مەھدىيىلىگەن، مۇئەييەن تارىخىي دەۋرنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەدىئىي ئوبراز، يازغۇچى ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە كۈيلەيدىغان ئوبيېكتىپ. ئىجابىي پېرسوناژلار بەلگىلىك سىياسىي غايە ۋە سىنىپىي مەنپەئەتنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان قەھرىمان پېرسوناژلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجابىي پېرسوناژلاردا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشقا قارىتىلغان تونۇشى ۋە ھېسسىياتى گەۋدىلىنىدۇ، يازغۇچىنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان سىنىپلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجابىي پېروناژلىرى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ قانداق ئادەمنى ئىجابىي پېرسوناژ قىلىپ يېزىشىدا، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە خاھىشى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى ئىجابىي پېرسوناژلار ئەمگەكچى خەلق ۋە ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىرىدىن بولۇشى، ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆسۈپ يېتىشكەن خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇشى، سوتسىيالىستىك يېڭى كىشىلەردىن بولۇشى لازىم.
ئىجابىي پېرسوناژلار تۇرمۇش ئاساسىدا يارىتىلىشى لازىم، ئۇلار دەۋر روھىنىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىلىرى بولۇپلا قالماستىن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل خاراكتېرىگە ئىگە، ھايات كەچۈرۈۋاتقان، ئىشلەۋاتقان ئادەتتىكى ئادەملەردىن بولۇشى لازىم. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان ھالدا سۈنئىي ياساپ چىقىلغان ۋە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىجابىي پېرسوناژلار ئاپتورنىڭ پەند - نەسىھەت قىلىدىغان كانىيىغا ئايلىنىپ قېلىپ بەدىئىي قىممىتىنى يوقىتىدۇ.