UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتسىنتاش يادنامىلىرى

سىنتاش يادنامىلىرى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بۇ «مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى» دەپمۇئاتالماقتا. قەدىمكى دەۋر، باشلانغۇچ دەۋىر ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرى تاشقا، قاتۇرۇلغان سېغىزغا، ياغاچ ھەمدە ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭەك، تېرىلىرىگە يېزىلغان، ئويۇلغان يادىكارلىق تىپىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇنداق يادنامىلارنىڭ بەزىلىرى ئەڭ ئىپتىدائىي يېزىق بىلەن، بەزىلىرى باشلانغۇچ ئىروگىلفلىق يېزىقلار بىلەن مەلۇم بولماقتا. بەزىلىرى بولسا تېخى ھازىرغا قەدەر ئوقۇپ تونۇلمىغان يېزىق بادنامىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ تەتقىقات ئوبيېكتى قېلىپ بېكىتىلمەكتە. سېغىز يادنامىلىرى بۇنىڭ مىسالى. تاشقى موڭغۇلىيە، شەرقىي ئۇرال، سىبىرىيە دالالىرىدىن تېپلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئورخون - يېنىسەي يېزىقلىرى بىلەن پۈتۈلگەن يادنامىلار بىر نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىتنوگرافلارنىڭ، تىلشۇناسلارنىڭ، ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ تەتقىق تېمىسى بولۇپ كەلدى . بۇ يادنامىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇريغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ھەربىي مەشغۇلاتلىرىنىلا ئەمەس، ئەينى دەۋىردىكى مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيىسى، بەزى ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ۋە خەلقنىڭ ئېستېتىك نۇقتىئىينەزەرلىرى بىلەن تونۇشۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئورخون - يېنسەي يېزىقى بىلەن تىكلەنگەن يادنامىلارنىڭ بەزىلىرى تەتقىق قىلىنپ نەشىر قىلىندى، بەزىلىرى داۋاملىق تەتقىق قىلىنماقتا. «بىلگەن قاغان مەڭگۈ تېشى يادنامىسى» ، «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى يادنامىسى» قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
سىنتاش يادنامىلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki