UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتكۆلەڭگۈچىلىك

كۆلەڭگۈچىلىك

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن 30 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھىندىستاندا ھىند تىلى بىلەن شېئىر يازىدىغانلار دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئېقىم. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي خاھىشى، خاركتېر ئازادلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان رومانتىزم، دېموكراتىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە سىرلىقچىلىق (مىسېتېتىزم)، گۈزەلچىلىك (ئېستېتىزم)، تەسىرلەنمىچىلىك (سېنتىمېنتالىزم) قاتارلىق ئىدىيىۋى خاھىشلارنى كۆپلەپ قوللىنىشتىن ئىبارەت. ئۇلار غەرب رومانتىزمى ۋە تاگور ئەسەرلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنىڭ ئىچىدىن ھىند تىلى شېئىرىيىتىنى يېڭىلماقچى ۋە قۇتۇلدۇرماقچى بولغان، تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئەركىن مۇھەببەت قاتارلىق تېمىلاردا يېزىشنى تەلەپ قىلغان. ۋەزىن ۋە تۇراق قۇرۇلمىلىرىنىمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكىدىن باشقىچە قىلغان. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي خاھىشى رومانتىك شېئىرىيەتنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇشتىن باشقا ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېڭىلىقى يوق.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
كۆلەڭگۈچىلىك | UyghurWiki | UyghurWiki