تېما (گرېكچە)
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچى تاللىغان ۋە تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش ۋقەلىرى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يورۇتۇلغان مەسىلىلەر. ئەسەرنىڭ تېمىسى ئۇنىڭ غايىسى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. گوركى: <تېما يازغۇچىغا تۇرمۇش تەرىپىدىن بېرىلگەن غايە دېمەكتۇر> دەيدۇ. بەدىئىي ئەسەرلەردە يازغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى، غايىسى، بەدىئىي ماھارىتى بىلەن باغلانغان ھالدا مەلۇم ۋەقەلەر دائىرىسى رەڭگارەڭ تەسۋىرلىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى مۇمكىن. تېما بىلەن غايە ئەسەرنىڭ يىگانە غايىۋى تېماتىك ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ تۇرىدۇ. تېما كەڭ مەنىدە، شۇنداقلا تار مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ.