UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئىجادىيەت جەريانى

ئىجادىيەت جەريانى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى يازغۇچىنىڭ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىجادىي ئىش جەريانى. بىر باسقۇچتىن ئىككىنچى باشقۇچقا ئۆتۈشى . ھەرقايسى يازغۇچىدا ئوخشىمىغان ئىجادىي جەريان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ جەريان يازغۇچىغا تۇرمۇشنى ئۇزاق ۋاقىتلار كۆزىتىش ، ئۆگىنىشتىن قولغا كېلىدۇ. بۇ جەريان يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشقا چۆكۈش ۋە بىۋاستە تەجىرىبە ھاسىل قىلىشىدىن، ۋەقەلىكنى ئىنچىكە كۆزىتىپ غايە - مەخسەت يولىدىكى ئىزدىنىشىدىن، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىن ئالغان ماتىرياللارنى تاللاش ۋە ئۇلارغا ئۆز مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش، بۇ ماتىرياللارنى جايلاشتۇرۇش ۋە بەدىئىي ئوبرازلاردا گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇئىش ئەدىپتىن ناھايىتى چوڭ غەيرەت - شىجائەتنى تەلەپ قىلىدۇ، توپلانغان تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەت تەجىربىلىرى كىشلەرنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتتىكى خۇلق - مىجەزى ھەم كەچۈرمىشلىرىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىمكان بېرىدۇ. ئىجادىي ئىش جەريانىدا ئەسەرنىڭ ھەممە جەھەتتىكى تەھرىرلىك ئىشلىرى تۈگىگەن بولىدۇ. ئەسەرنىڭ نەشىرگە تەييار بولغان سەۋىيىگە كېلىدۇ، مانا بۇ - ئىجادىيەت جەريانىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات