UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتقاتلام

قاتلام

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئېپىك تۈرلىرىدە مەزمۇننىڭ ئالدىن - كېيىنلىك تەرتىپىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كىچىك بۆلەك قاتلام بولىدۇ. قاتلاملاردىن ئابزاس شەكىللىنىدۇ. بىر ئەسەر ئومۇمەن بىر نەچچە بۆلۈم، ئابزاس ۋە قاتلاملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ رەتكە تىزىلىشىدا ئاۋال نېمىلەرنى بايان قىلىش، ئاندىن نېمىلەرنى بايان قىلىش تەرتىپى بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئەسەرمۇ رەتلىك، راۋان، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇپ چىقىدۇ. ئەسەرنىڭ قاتلاملىرىنى بىر باشتىن، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ھەمشە ئۇچرايدىغان مۇنداق ئۇسۇللارمۇ بار. يەنى، 1. ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن قاتلام تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. 2. تېيىزلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ پەيدىنپەي ئورۇنلاشتۇرۇش. 3. ئورۇن - جاي، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش. 4. ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات