ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قەھرىمانى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەردە ئۆزىگە خاس، ئېنىق خاراكتېر ۋە بەلگىلەرگە ئىگە بولغان، ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس ئەسەر قەھرىمانى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەدەبىي ئەسەر قەھرىمانلىرى ئەسەرنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىلدۇر. بىر پۈتۈن ئەسەردە ئەسەر ئىدىيىسى ئەسەردىكى ھەر خىل پېرسوناژلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
<ياشلىق ناخشىسى> رومانىدا يازغۇچى لىن داجىڭدىن ئىبارەت ئاساسلىق پېروناژنى جۇڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئېنىقلابىي باسقۇچىدىكى ياشلارنىڭ ۋەكىلى، يەنى قەھرىمانى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈردى. ھەر خىل ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رومانلاردا، مەسىلەن: جۇ لىبونىڭ <بوران - چاپقۇن>، جاۋ شۇلىنىڭ <لى يۈيسەينىڭ قوشاقلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ كىتابخانلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ئوبرازلار بار. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ <چېنىقىش> (ز. قادىر)، <كۈرەشچان يىللار> (ف. تۇردى)، <ئاۋرال شاماللىرى> (ز. سابىر)، <قىيانلىق دەريا> (ئە. تۇردى)، <مېھرىبان> (ق. جىلىل) قاتارلىق پوۋېست - رومانلار كىتابخانلاردا چوڭقۇر تەسرات قالدۇردى. بۇ ئەسەرلەردە ئەسەر قەھرىمانلىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىماقتا.