UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمۇئەمما

مۇئەمما

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە مۆكتۈرۈلگەن،يوشۇرۇنغان سۆزىدىن ئەدەبىياتتا كىشىنىڭ پىكىر قىلىش ماھارىتىنى سىناش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان تېپىشماق. ئۇ كۆپىنچە ئاتاقلىق كىشىلەر ئىسىملىرىنىڭ ھەرىپلىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. كىشىلەر تەپەككۇر جەريانىدا ئۇنى يېشىدۇ ھەم ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. مۇئەمما شەكلىدە شېئىر يېزىش 15 - ئەسىردە كەڭ تارقالغان، ناۋايى، جامى قاتارلىق ئەدىبلەر مۇئەمما يېزىش ۋە ئۇنى يېشىش جەھەتلەردە شۆھرەت قازانغان. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ بۇ شەكىلنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا بۇ شەكىل ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن شېئىرىيەتنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بۇ ئەنئەنە چوقۇم جانلىنىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنى ئەسلىتىدىغان مۇنداق بىر مۇئەمما ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە. موللىنىڭ باشىنى كەس مامات بولسۇن، دەپنە قىل قەبر ئارا ھايات بولسۇن. موللىنىڭ باش «م» ى ھەرىپىنى «قەبر» سۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويساڭ «قەمبەر» (كونا ئىملادا «قەبر» شەكلىدە يېزىلاتتى) سۆزى كېلىپ چىقىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات