UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبىئوگرافىك مېتود

بىئوگرافىك مېتود

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى تاللاش، ئۆگىنىش ۋە تەسۋىرلەشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى ۋە پرىنسىپى، سەنئەت ۋە ئەدەبىياتتا مېتود (ئېقىم) يازغۇچىنىڭ ھايات (تۇرمۇش) پاكىتلىرىنى تاللاش، ئومۇملاشتۇرۇش، باھالاش ۋە بەدىئىي ئوبرازلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈشتە قوللانغان ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت. ئۆتمۈش دەۋر ئەدەبىياتىدىكى رېئالىزم، رومانتىزم ئەنە شۇنداق ئىجادىي مېتودلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ئېلىمىز ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىي مېتودى سوتسىيالىستىك رېئالىزمدىن ئىبارەت. ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە مېتود (يۆنىلىش) بىرەر تارىخىي دەۋردىكى ئەدەبىياتنى ئۆگىنىش جەھەتتىكى مەزمۇن پرىسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات