UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئېكزىستېنتسىئالىزم

ئېكزىستېنتسىئالىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى بارلىقچىلىق. پەلسەپىدىكى ئېكزىستېنتىسئالىزم(بارلىقچىلىق) كەڭ تارقالغان خەلقئارالىق پىكىر ئېقىمى. ئۇنىڭ ئىجادچىسى دانىيىلىك كىركگىل (1859 - 1938) بولۇپ، «ئەندىشلىك كۆز قاراشلار» دېگەن ئەسىرىدە بارلىققا نىسپەتەن ئۈمىدسىزلىك كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى نېمىس پەيلاسوپى خوسېر (1859 - 1938)ياسبىس (1883 -)، ھېدگىل (1889 - ) لار كىركگىلنىڭ نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇلار ھالەتچىلىك ۋە گەۋدىچىلىك نەزەرىيسى ئىچىدىن بارلىقىلىقنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار ئوبىكتىپ دۇنيانى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بارلىقلىق ۋە ماھىيەتنى ئايرىۋېتىپ بىلىشنىڭ ھەممىگە قادىرلىقلىقىنى تەكىتلەيدۇ. فرانسۇز پەيلاسوپى ۋە ئەدىبى سارترى(1905 - 1980) ئۇلارنىڭ نەزەرىيسىگە ئاساسەن ، داڭلىق "بارلىقلىق ماھىيەتتىن ئالدىدا تۇرىدۇ" دېگەن ئېكزىستېنتسىئالىزم (بارلىقچىلىق) تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سارترى بىر تەرەپتىن دۇنيانى مەنىسىز ، كىشىلىك ھاياتنى ئەھميەتسىز دەپ قارىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ بارلىقلىق قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ "ئىنساننىڭ مۇقەررەرلىكى ئەركىنىلىك"،مۇھىمى "تاللاش" ئېلىپ بېرىش "ھەركىتى" نى سۆزلەش كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن سارترى غەيرى قىياسلىچىلىق نۇقتىئىنەزەرىنى چىقىش قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى تاللىشى جەمئىيەت ۋە سىنىپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. بارلىقچىلىق ئەدەبىياتى 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيدە باش كۆتۈرگەن بىر تۈرلۈك ئەدەبىي پىكر ئېقىم بولۇپ، 40 - يىللاردا، بۇلۇپمۇ ئۇرۇشتىن كىيىن راۋاجلىنىلىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋە فرانسىيە، ياۋروپادا كەڭ تارقىلىپ، تەسىرى پۈتۈن دونياغا تىز تارقالغان . ئەڭ ئاۋۋال بارلىقچىلىق ئەدەبىياتىنى ساترى تىكلىگەن. ئۇ 1936 - يىلى پەلسەپ ئەسىرى "تەسەۋۋۇر"نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1938 - يىلى "بىزارلىق " ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ، ئوبراز ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتقا ۋە "بارلىق"لىققا قارىتا بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.1943 - يىلى پەلسەپە ئەسىرى "بارلىق ۋە يوقلۇق"دا ئۆزىنىڭ بارلىقچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى سىستېمىلىق شەرھىلىگەن. شۇ ۋاقىتتا، يەنەبىر يازغۇ چى گاليۇر(1913 - 1960)«سىرتقى ئادەم» ھېكايىسىنى يېزىپ 1942 - يىلى ئېلان قىلىش بىلەنلا زور ئەكس سادا قوزغىدى. بۇ ھېكايىنىڭ خاھىشى سارترىنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىدى. ئوبزورچىلار بۇنى بارلىقچىلىق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بىر يىڭى ئەدەبىي ئېقىم مەيدانغا كەلدى دەپ قاراشتى. فرانسىيە بارلىقچىلىرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكىلىرى ياشلارنىڭ زېرىكىشلىك، تېڭىرقاش كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن، پەلسەپىۋى ئائىدىلەر ئوبرازچانلىقتىن كۆپ، كەيپياتىمۇ تۆۋەن يېزىلغان. ئىككىنچى دونيا ئۇرۇشىدىن كىيىن بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىپ ئەسەرلەر زور ئىجدىمائىي، سىياسىي مەسلىلەرگە تاقىلىدىغان، روشەن ئىدىۋىي مەيدان ئىپادىلىنىدىغان بولغان، شۇنداقلا ئۇلار ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ "كىشىلىك قىممىتى"نى قوغداش، رەزىللىك ھالەتلەرنى تەنقىد قىلىش خاھىشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ، ئىلگىرىكى نۇقۇل "ئىنساننىڭ بارلىقلىق قىممىتى"كۆز قارىشىغا ئاساسەن ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قارىغاندا يەنىمۇ كونكىرىتلىق كۈچىگە ئىگە بولدى. بارلىقچىلىق ئەدەبياتى بەدئىيلىك جەھەتتە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللارنى، جۈملىدىن ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھازىرقى زامانچىلارنىڭ ئۇسسۇللىرىنىمۇ بۇزۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، يۈكسەك دەرىجىدىكى پەلسەپىۋى قائىدىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە كىرىشنى ؛ ئاساسىي قەھرىماننىڭ روھىي ھالىتىنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىلەر ئاساسىدا مۇھاكىمە ۋە تەھلىك ئارقىلىق راۋاجلىنىشنى؛ ئىدىئوم سۆزلەر، يېپىق ئوخشىتىش سۆزلىرى ئىشلىتىشنى؛ تىل جەھەتتە، قىسقا، چۈشىنىشلىك ، شوئارسىمان جۈملىلەر قوللىنىشنى؛ سۈپەتلەش، مۇبالىغە، كۆپتۈرۈش بولماسلىقىنى، ئاشۇلار ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېردىكى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بارلىقچىلىق ئەدەبىياتى ھېكايىچىلىق، تىياتىر چىلىق تەرەپلەردە مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقرىپلا قالماي، نەسىرچىلىق ساھەسىدىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئېكزىستېنتسىئالىزم | UyghurWiki | UyghurWiki