UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبىبلىئوگرافىيە

بىبلىئوگرافىيە

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە كىتاب، يازىمەن سۆزىدىن) 1. بىلىمنىڭ بىر ساھەسى، ياكى ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ كۆرسەتكۈچىلىرى، مەسىلەن: <شىنجاڭ ئەدەبىياتى> (<تارىم>) بويىچە ئۇنىڭدا بېسىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىسى، يىلى، ئاپتورى، بەت سانى ... ۋەھاكازالارنىڭ سانى، ئۇلارنى تۈرلەر بويىچە سىستېمىلاشتۇرۇش، بۇ ئەسەرلەرنى ژانىرلىرى بويىچە ئايرىپ كۆرسىتىپ چىقىش؛ مەۋجۇت ئەدەبىيات ئەھۋالىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، ئۇلارنى چۈشىنىۋېلىشنى يەڭگىللەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلغۇچى، قوللانمىلار تۈزەش بىلەن مەشغۇل بولغۇچى بىلىم ۋە ئەمەلىي پائالىيەت ساھەسى. 2. مۇئەييەن پىلان ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە كىتابخانىلارغا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر ھەققىدە ئاخبارات بېرىش ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۆلچەرلەنگەن باسما ياكى قول يازما شەكلىدىكى ئەسەرلەر تىزىملىكى. 3. بىبىلىئوگرافىك ئەسەر ۋە قول يازمىلارنىڭ يىغىندىسى. 4. ۋاقىتلىق ياكى داۋاملىق نەشر قىلىنىۋاتقان ژۇرناللاردىكى تەنقىدىي شەرھلەر، تەقرىزلەر ۋە يېڭى چىقىدىغان باسما ئەسەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بارغۇچى بۆلۈملىرىنىڭ نامى. 5. سەھىپە ئاستىدا ياكى كىتاب، ماقالە، ئايرىم بابلارنىڭ ئاخىرىدا كەلتۈرۈلگەن پايدىلىنىلغان ياكى تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات