ۋارىيانت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لاتىنچە varianis — ئالمىشىش سۆزىدىن
ئەسەرنىڭ بىر ئەسەر ( مەسىلەن: چۆچەك ياكى قوشاقلار ) نىڭ ۋارىيانتلىرى ھەر قايسى دەۋردە ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئېيتىلىپ كەلگەن:
تەڭلىدىكى توقاچقا
سىيادان سېلىپ ياققان.
مەن ئاتامدىن كىچىك قېپ،
ئەل _ مەلە مېنى باققان.
دېگەن قوشاقنىڭ: « بېلىمدىكى توقاچقا، سىيادان قوشۇپ ياققان، مەن ئانامدىن ئايرىلىپ، پارتىيە مېنى باققان »، « مەن يېتىم، بىچارىنى، پارتىيە ئاتام باققان. » دېگەندەك ۋارىيانتلىرىمۇ بار.
يازغۇچى مۇشۇنداق ۋارىيانتلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئېسىل نۇسخىسىنى يۇغۇرۇپ چىقىدۇ.