UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتبىرىنچى شەخس بايانى

بىرىنچى شەخس بايانى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى <مەن> ئارقىلىق ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ياكى <مەن> نىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ۋەقەلىكنى قانات يايدۇرۇپ تەسۋىرلەش بىرىنچى شەخس بايانى بولىدۇ. ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن بىرى. <مەن> ئاپتورنىڭ ئۆزى بولۇشىمۇ، ياكى توقۇلغان پېرسوناژ بولۇشىمۇ مۇمكىن. <مەن> ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژ سالاھىيىتىدە قەھرىمان پېرسوناژ بولۇشىمۇ، قوشۇمچە پېرسوناژ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئېپىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە (مەسىلەن ھېكايىلەردە) بۇ خىل بايان قوللىنىش بەزىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. لىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولسا (مەسىلەن: شېئىرلاردا) بۇ خىل بايان ئۇسۇلى ھامان كۆپ ۋە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ياخشى يېزىلغان بىرىنچى شەخس بايانىدىكى ئەسەرلەر ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي، تەبىئىي، چىن بىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات