UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئاقارتىش ھەرىكىتى

ئاقارتىش ھەرىكىتى

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئويغىتىش ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋروپادا 18 - ئەسىردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدىيە، مەدەنىيەت ھەرىكىتى. بۇ ھەرىكەت بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاغدۇرۇۋېتىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئېنقىلابىغا ئۇزاق مەزگىللىك جامائەت پىكرى تەييارلاپ بەردى. ئۇ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىپ، يېڭى كۆز قاراشلارنى تەرغىب قىلغانلىقتىن <ئاقارتىش> دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ئىچىدە دېدرو، دىفۇ، سۋفۇت، شىللىر، گيوتى قاتارلىقلار بار. ئاقارتىش ھەرىكىتى تارىختا ئىلغار رول ئوينىغان، لېكىن ئۇ ماھىيەتتە، بۇرژۇئازىيە دۇنيا قارىشى بويىچە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت بولۇپ قالدى. مەلۇم بىر ئىنقىلابنىڭ ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشى، سىياسىي ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە مەخسۇس جامائەت پىكرى تەييارلاشمۇ ئاقارتىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
ئاقارتىش ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki