UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتپاراللېلىزم

پاراللېلىزم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (گرېكچە يانمۇيان يۈرگۈچى سۆزىدىن) پوئېتىك نۇتۇق ئۇسۇللىرىدىن بىرى، ئىككى ھادىسىنى يانمۇيان قويۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى بىر - بىرىگە قىياس قىلىش، قارىمۇ قارشى قويۇش ئۇسۇلى، بۇ ئۇسۇل ئىككى ھادىسە ياكى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ياكى پەرقنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئۇ پوئېتىك نۇتۇقنىڭ گەۋدىلىك تەسۋىرىنىڭ جانلىق ۋە يارقىن بولۇشىغا خىزمەت قىلىدۇ. پاراللېلىزم بىر قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ، ماھىيىتى بىر - بىرىگە يېقىن ھادىسە ۋە نەرسىلەر يانمۇ يان قويۇلغان ھالدا، قىياسىي تەسۋىرلەنسە، بۇ تېماتىك پاراللېلىزم دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: بۇلبۇل تولا سايرايدۇ، گۈل ئېچىلغان چاغلاردا. كۆڭلۈم گۈلدەك ياشنايدۇ، سېنى كۆرگەن چاغلاردا. ئەگەر، بىر خىل پوئېتىك ئىپادە ئەينەن، يانمۇ يان كەلتۈرۈلگەن بولسا، بۇ سنتاكتىك پاراللېلىزم دېيىلىدۇ. شائىر قۇربان باراتنىڭ <ئۈمىد توغرۇلۇق ناخشا> شەرلەۋھىلىك شېئىرىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالار بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. ھايات ئىشقى يەنە كۈچ تاپتى، ئۈمىد بىلەن يورۇدى دۇنيا. ئۈمىد بىلەن ئۇچتى ھاشارات، ئۈمىد بىلەن ياشنىدى گىيا. تاۋۇشلار پاراللېلىزمىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلەردە ئۇچرايدۇ، ئۇ مەنىنى گەۋدىلىك ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. تاۋۇشلارنىڭ يانمۇ يان كېلىشى تۈرلۈكچە بولىدۇ، بەزىدە بىر خىل ئاھاڭداش سۆز ياكى تاۋۇشلار مىسرالار بېشىدا، ياكى ئاخىرىدا تەكرار ياكى ئانافورا شەكلىدە كېلىدۇ: سەن - سەن مېنى سەن، خارابە قىلدىڭ مېنى سەن. * * * ئېگىز - ئېگىز تاغ باشىدىن سېرىلدىم تۈزگە، قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە. پاراللېلىزمنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات