نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئالفرېد بېرىنخارد نوبېل شىۋېتسىيلىك ئاتاقلىق ئىختىراچى ۋە خىمىك بولۇپ، 1833 _ يىلى 10 _ ئاينىڭ 21 _ كۈنى ستوكھولمدا تۇغۇلغان، 1896 _ يىلى 12 _ ئاينىڭ 10 _ كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئىتالىيىدە ۋاپات بولغان. ئۇ 1895 _ يىلى 11 _ ئاينىڭ 27 _ كۈنى ئۆزىنىڭ 31 مىليون 220 مىڭ شىۋېتسىيە كرانلىق مۈلكىنى فوند قىلىپ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى « بىر يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەتكە ئەڭ زور تۆھپە قوشقانلار » غا مۇكاپات قىلىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى شۇ يىلى « نوبېل فوند جەمئىيىتى » قۇرۇپ، ئۇنى، فوندنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى بەش ئۈلۈش ئايرىپ، 1. فىزىكىدا ئەڭ مۇھىم كەشپىيات ياراتقان ياكى ئىختىرا قىلغان كىشىگە، 2. خىمىيىدە ئەڭ مۇھىم كەشپىيات ياراتقان، ئىختىرا قىلغان كىشىگە، 3. فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنادا ئەڭ مۇھىم كەشپىيات ياراتقان كىشىگە، 4. ئەدەبىياتتا غايە خاھىشلىق ئەڭ نادىر ئەسەر ئىجاد قىلغان كىشىگە، 5. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق، يېقىنلىق ئۈچۈن تەشكىللەش ۋە تەرغىبات ئېلىپ بېرىشتا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ياكى ئەڭ زور تۆھپە كۆرسەتكەن كىشىگە مۇكاپات قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل قىلغان. شۇندىن بۇيان فىزىكا ۋە خىمىيە مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە پادىشاھلىق ئاكادېمىيىسى، فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى كارولىن تاشقى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا تەتقىقاد ئاكادېمىيىسى، ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى، تىنىچلىق مۇكاپاتىنى نورۋىگىيە پارلامىنتى سايلاپ بەرگەن بەش كىشلىك ھەيئەت تارقىتىپ كەلمەكتە.
1969 _ يىلى شىۋېتسىيە دۆلەت بانكىسى نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ.
ھەر يىلى نوبېل ۋاپات بولغان 12 _ ئاينىڭ 10 _ كۈنىدىكى خاتىرە كۈنىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇكاپاتلانغۇچىلار بىر پارچە تەقدىر قەغىزى گۇۋاھنامىسى، نوبېلىنڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەم يېزىق ئويۇلغان ئالتۇن مېدال بىلەن مەلۇم ساندىكى پۇل ئالىدۇ. بۇ پۇل يىللىق ئۆسۈمنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 1980 _ يىلى تارقاتقىنى 880 مىڭ شىۋېتسىيە كرانى ( جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 235 مىڭ يۈەن ) بولغان.
مۇكاپات ئالغۇچىلار ئالتە ئاي ئىچىدە ستوكھلمگە ( تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغۇچى ئوسلوغا ) بېرىپ ئۆزى مۇكاپات ئالغان تۈر بويىچە بىر قېتىم ئوچۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
ۋەسىيەتكە ئاساسەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى « يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان » « ئەدەبىياتتا غايە خاھىشلىق ئەڭ نادىر ئەسەر ئىجاد قىلغۇچى » غا بېرىلىشى كېرەك. 1900 _ يىلى پادىشاھ تەستىقلىغان ئاساسىي نىزامنامىدە يۇقىرىقى سۆز « يېقىنقى يىللاردىن بويان » ياكى « يېقنقى يىللاردا ئاندىن ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىۋاتقان ئەسەرلەر » گە دەپ ئۆزگەرتىلىدى. « ئەدەبىي ئەسەر » دېگەن ئۇقۇممۇ « ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر » گە كېڭەيتىلىپ، تارىخ ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولدى.
ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ستوكھولىم نوبېل فوند جەمئىيىتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، لائۇرېيات نامزاتلىرىنى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى باھالايدۇ ۋە بېكىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاكادېمىيىدە مەخسۇس ئورگانلار تەسىس قىلىنغان، نوبېل كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى، قامۇسلىرىنى ۋە گېزىت، ژۇرنال ماقالىلىرىنى يىغىدۇ.
نىزامنامىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات تارىخىي ۋە تىل _ ئەدەبىيات پروفېسورلىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ لائۇرېياتلىرى ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرىلا نامزات كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆزىنى كۆرسىتىپ سۇنغان ئىلتىماس ئويلىشىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. نامزات كۆرسەتكۈچىلەر ھەر يىلى 1 _ ئاينىڭ 1 _ كۈنىدىن ئىلگىرى كۆرسىتىش خېتىنى شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىگە يوللايدۇ، 11 _ ئاينىڭ 1 _ كۈنىدىن ئىلگىرى ياكى سەل كېيىنرەك تاللاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇكاپات ئادەتتە مەلۇم يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىي نەتىجىسى ئۈچۈن بېرىلىدۇ، بەزىدە مەلۇم بىر ئەسىرى ئۈچۈنمۇ بېرىلىدۇ.
80 نەچچە يىلدىن بۇيان 1914، 1918، 1935، ۋە 1940 _ يىلدىن 1943 _ يىلغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان. 1904، 1917، 1966، 1974 _ يىللىرى ئىككى ئادەمگە تەڭ بېرىلگەن. 1958 _ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى پاستىرناك، 1964 _ يىلى فرانسىيە يازغۇچىسى سارترې مۇكاپات ئېلىشنى رەت قىلغان.
تۆۋەندە مۇكاپات ئالغۇچىلارنىڭ رويخېتى بېرىلدى.
1901 _ يىلى، فرانسىيلىك سۇل پرۇدھۇم.
1902 _ يىلى، گېرمانىيلىك تارىخشۇناس ت. مومسېن.
1903 _ يىلى، نورۋىگىيلىك ب. بىئارنسون.
1904 _ يىلى، فرانسىيلىك ف. مسترال ۋە ئىسپانىيلىك ج. دى ئېچگاراي ئېزا گۇررى.
1905 _ يىلى، پولشىلىق خ. شىنكىۋىچ.
1906 _ يىلى، ئىتالىيلىك گ. كاردۇچى.
1907 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك ر. كىپلىڭ.
1908 _ يىلى، گېرمانىيلىك پەيلاسوپ ر. ئوۋكىن.
1909 _ يىلى، شىۋېتسىيلىك س. لاگېرلوۋ ( ئايال ).
1910 _ يىلى، گېرمانىيلىك پ. ھەيزې.
1911 _ يىلى، بىلگىيىلىك م. مەتېرلىنك.
1912 _ يىلى، گېرمانىيلىك گ. ھاۋپتمان.
1913 _ يىلى، ھىندىستانلىق ر. تاگور.
1914 _ يىلى، تارقىتىلمىغان.
1915 _ يىلى، فرانسىيلىك ر. روللان.
1916 _ يىلى، شىۋېتسىيلىك گ. ۋون ھېيدېنستام.
1917 _ يىلى، دانىيلىك ك. جېللېرۇپ ۋە دانىيلىك ھ. پونتوپپىدان.
1918 _ يىلى، تارقىتىلمىغان.
1919 _ يىلى، شىۋېتسارىيىلىك ك. سىپتتېلېر.
1920 _ يىلى، نورۋىگىيىلىك ك. ھامسۇن.
1921 _ يىلى، فرانسىيلىك ئا. فرانسې.
1922 _ يىلى، ئىسپانىيلىك بىناۋېنىتى. ئى. مارتىنېس.
1923 _ يىلى، ئېرلاندىيلىك ۋە.ب يېئاتېز.
1924 _ يىلى، پولشىلىق ۋ. رېمونت.
1925 _ يىلى، ئەنگلىيىلىك ج. دېلېددا ( ئايال ).
1926 _ يىلى، ئىتالىيىلىك ج. ب. شاۋ.
1927 _ يىلى، فرانسىيلىك پەيلاسوپ ھ. بېرگسون.
1928 _ يىلى، نورۋىگىيلىك س. ئۇندسېت ( ئايال ).
1929 _ يىلى، گېرمانىيلىك توماس مان.
1930 _ يىلى، ئامېرىكىلىق س. لېۋىس.
1931 _ يىلى، شىۋېتسىيلىك ئې. ئا. كارلفېلد.
1932 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك ج. گالسۋارسى.
1933 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئى. ئا. بۇنىن.
1934 _ يىلى، ئىتالىيلىك ل. پىراندېللو.
1935 _ يىلى، تارقىتىلمىغان.
1936 _ يىلى، ئامېرىكىلىق ئې. ئونېل.
1937 _ يىلى، فرانسىيلىك مارتىن دوگارد.
1938 _ يىلى، ئامېرىكىلىق پ. بۇك ( ئايال ).
1939 _ يىلى، فىنلاندىيلىك ف. ئې. سىللانپا.
1940 _ يىلدىن 1943 _ يىللىرىغىچە تارقىتىلمىغان.
1944 _ يىلى، دانىيلىك ج. ۋ. يېنسېن.
1945 _ يىلى، چىلىلىق گ. مىسترال ( ئايال ).
1946 _ يىلى، گېرمانىيلىك ھ. ھېسسې.
1947 _ يىلى، فرانسىيلىك ئا. گىدې.
1948 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك ت. س. ئېلىئوت.
1949 _ يىلى، ئامېرىكىلىق ۋ. فولكنېر.
1950 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك پەيلاسوپ ب. ئا. ۋ. رۇسسېل.
1951 _ يىلى، شىۋېتسىيلىك پ. ف. لاگېركۋسىت.
1952 _ يىلى، فرانسىيلىك ف. ماۋرىئاك.
1953 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك سىياسىئون، تارىخشۇناس ۋ. ل. س چېرچېلل.
1954 _ يىلى، ئامېرىكىلىق ئې. ھېمڭۋاي.
1955 _ يىلى، ئىسلاندىيلىك ھ. ك. لاكسنېس.
1956 _ يىلى، ئىسپانىيلىك ج. ر. جىمېنېز.
1957 _ يىلى، فرانسىيلىك ئا. كامۇس.
1958 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ب. ل. پاستېرناك ( رەت قىلغان ).
1959 _ يىلى، ئىتالىيلىك س. كۋاسىمودو.
1960 _ يىلى، فرانسىيلىك سەنت _ جون پېرسې.
1961 _ يىلى، يۇگوسلاۋىيلىك ئى. ئاندىرىچ.
1962 _ يىلى، ئامېرىكىلىق س. ستېئېنبىك.
1963 _ يىلى، گرېتسىيلىك گ. سېفېرىس.
1964 _ يىلى، فرانسىيلىك ج. پ . سارترې ( رەت قىلغان ).
1965 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق م. ئا. شولوخوۋ.
1966 _ يىلى، ئىسرائىلىيىلىك س. ي. ئاگنون ۋە گېرمانىيلىك ن. ساچس ( ئايال ).
1967 _ يىلى، گۋاتىمالالىق م. ئا. ئاستۇرىئاس.
1968 _ يىلى، ياپونىيلىك چۋەن دۋەن كاڭچىڭ.
1969 _ يىلى، ئېرلاندىيلىك س. بېكېت.
1970 _ يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئا. ئى. سولژېنتىسىن.
1971 _ يىلى، چىلىلىق پابلو نېرودا.
1972 _ يىلى، گىرمانىيلىك ھ. بول.
1973 _ يىلى، ئاۋسترالىيلىك پ. ۋ. م. ۋىت.
1974 _ يىلى، شىۋېتسىيلىك ئې، جونسون بىلەن ھ. مارتىنسون.
1975 _ يىلى، ئىتالىيلىك ئې مونتالې.
1976 _ يىلى، ئامېرىكىلىق س. بېلۋو.
1977 _ يىلى، ئىسپانىيلىك ۋ. ئالېكساندرې مېرلو.
1978 _ يىلى، ئامېرىكىلىق ئى. ب. سىنگېر.
1979 _ يىلى، گرېتسىيلىك ئو. ئېلتىس.
1980 _ يىلى، پولشىلىق ك. مىۋوش.
1981 _ يىلى، ئەنگىلىيىلىك ئې. كانېتتى.