UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتپېزاژ

پېزاژ

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى (فرانسۇزچە جاي، ماكان سۆزىدىن) بەدىئىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن تەبىئەت مەنزىرىسى. يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەش بىلەن ئۆزىنىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ، تەبىئەت گۈزەللىكى، بايلىقى، قۇدرىتى قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شائىرنىڭ قەلىمى بىلەن تەبىئەتنىڭ ھاياتنەخش خۇسۇسىيەتلىرى كىتابخانىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دىكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىگە خاس تۆتلۈكلەر بۇنىڭغا ياخشى مىسالدۇر. ناۋايىدىن تارتىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىغىچە بولغان ئەدەبىي مىراسلاردا شائىرلار تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشكە سەل قارىغان ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات
پېزاژ | UyghurWiki | UyghurWiki