UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتمەلىكۇششۇئارا

مەلىكۇششۇئارا

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە شائىرلارنىڭ شاھى سۆزىدىن فېئوداللىق دەۋرىدىكى يازغۇچىلىق كەسپى بىلەن كۈن كەچۈرەلمىگەن قەلەم ئىگىلىرى سارايغا بېرىشقا مەجبۇر ئىدى. شاھلارغا بېغىشلاپ قەسىدىلەرمۇ يازاتتى. ساراي دائىرىسىكى ئەدەبىي ئولتۇرۇشلاردا بەزى ئايرىم زەبەردەس شائىرلارغا «مەلىكۇششۇئارا» ئۇنۋانى بېرىلەتتى ۋە شۇ يول بىلەن قەلەم ئىگىلىرى سەلتەنەت خىزمىتىگە ئۈندىلەتتى. قەيت قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلۇغبەگ زامانىدا كامال بەدەخشى «مەلىكۇششۇئارا» لەقىمى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئەلىشىر ناۋايى بۇ شائىر ھەققىدە «مەجالىسۇن نەفائىس» تا «فازىل كىشى ئەرمىش، ئۇلۇغبەگ مىرزا زامانىدا سەمەر - قەندتە شۇئەرا ئانى خۇش خۇيلۇققا مۇسەللەم تۇتۇبدۇرلەر ۋە مىرزانىڭ دائى كۆپ ئىلتىپاتى بار ئەرمىش» دەپ يازغانىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات