ئاللېگورىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە باشقا، ئۆزگە ۋە گەپ قىلىمەن سۆزلىرىدىن)
بىرەر مەۋھۈم چۈشەنچىنى كونكرېت نەرسە ياكى ھادىسە ئارقىلىق (مەسىلەن: <قىزىم ساڭا دېدىم، كېلىنىم سەن ئىشتكىل>) ئىپادىلەش، بەدىئىي ئەدەبىياتتا مەجازى، يەنى ئۆز مەنىسىدىن باشقا مەنىگە كۆچۈرۈلگەن سۆز ۋە ئىبارىلەرنىڭ بىر تۈرى.
بۇنىڭدا مەۋھۈم چۈشەنچىنى كونكرېت نەرسە ياكى ھادىسىگە خاس بەلگىلەر ياردىمى بىلەن ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مەسىلەن: يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ <قۇتادغۇ بىلىك> داستانىدا تۈرلۈك ئىستىلىستىك ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان، جۈملىدىن ئاللېگورىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق شۇ دەۋر ھاياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئۇقتۇرغانىدى. <قۇتادغۇ بىلىك> داستانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تۆت ئاللېگورىك شەخسنىڭ سۆھبىتىگە سىڭدۈرۈلگەنىكىنى كۆرىمىز. <كۈن تۇغدى> دىن ئىبارەت بۇ پېرسوناژنى پادىشاھ ئورنىدا كۆرسىتىلىپ، ئەينى زاماندىكى پادىشاھ ۋە بەگلەرگە ئاشۇنداق ئىش كۆرۈشنى دارىتمىلاپ كۆرسەتكەن. <ئاي تولدى> ھەققىدىمۇ خۇددى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، بۇنى ۋەزىر ئورنىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەھاكازا.
ئادەتتە مەسەل ۋە چۆچەكلەردە تۈلكە ئالدامچى كىشىلەرگە، بۆرە ئاچكۆزلەرگە، چايان زەھەرلىك ئادەملەرگە، تۇتى بولسا دورامچى، گەپدان كىشىگە كىنايە قىلىنىدۇ. كىرىلوۋنىڭ <بۆرە بىلەن قوزىچاق>، زۇنۇن قادىرنىڭ <قوشچى بىلەن چاشقان> قاتارلىق مەسەللىرى شۇنداق ئاللېگورىيىلىك ئوبرازلارغا ئاساسلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلگەن.
كلاسسىكلاردىن ناۋاينىڭ <لىسان - ئوت - تەيىر>، گۈلخانىنىڭ <زەربۇل مەسەل> قاتارلىق كىتابلىرىنىمۇ مۇشۇ خىل ئەسەرلەر جۈملىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.