ئىجادىيەت تارىخى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
يازغۇچى ئەسىرىنىڭ يارىتىلىش تارىخى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ۋارىيانتىدىن تاكى ئەڭ كېيىنكى تۈگەللەنگەن نۇسخىسىغىچە ئىشلەنگەن تارىخنى، ئىجدىمائىي ھاياتتىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى مەسىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرەر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت تارىخىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە شۇ يازغۇچىنىڭ غايىۋى، ئېستېتىك قاراشلىرى بىلەن ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋاقەلىك، مۇھىت،قىياپەت ۋە ئوبرازلار يارىتىش جەريانىدىكى پىكىر، ئۆزگىرىشلەر بىلەن، يازغۇچىنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبى ۋە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن، يىغىپ ئېيتقاندا ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تۇتقان ئورنى، ئەھمىيىتى بىلەن تۇنۇشىمىز.