UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتئەدەبىي ئېقىم

ئەدەبىي ئېقىم

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئېقىم، ئۇ ئەدەبىي ئۇسلۇب بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇسلۇبتىن مۇرەككەپرەك بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسىسى. ئەدەبىي ئېقىم مەلۇم تارىخىي دەۋردە، ئۆز ئىدېئولوگىيىسى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى جەھەتلەردە، بىر - بىرىگە يېقىن تۇرغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى غايىۋى بەدىئىي خۇسۇسىيەتلەر (تېما، غايە، بەدىئىي تەسۋىر ۋاستىلىرى ۋە باشقىلار) نىڭ بىرلىكى. ئەدەبىيات تەرەققىيات تارىخىدا ئوخشاش بىر دەۋردە ياشىغان بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇپ جەھەتتە بىر - بىرىگە يېقىنراق بلۇشى ياكى ئوخشىشىپ كېتىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋا. مۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر: (1) بۇ يازغۇچىلارنىڭ مەيدانى، ئىدىيىۋى خاھىشى ئاساسەن بىر - بىرىگە يېقىن بولغانلىقى؛ (2) سەنئەت جەھەتتىن بىر خىل سەنئەت قارىشىغا، بىر خىل ئورتاق ئىجادىيەت خاھىشىغا ئىگە بولغانلىقىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىش ھەرىكىتى ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى دەۋرىدە، جۇڭگودا بولسا <4 - ماي> ھەرىكىتىدىن كېيىن، خېلى كۆپلىگەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئېقىملىرى پەيدا بولغانىدى. <ئەدەبىيات تەتقىقات ئويۇشمىسى> ۋە <ئىجادىيەت تەھرىراتى> دېگەنلەر ئەنە شۇنداق ئەدەبىي ئېقىملارغا مەنسۇپ ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات