ئوردا ئەدەبىياتى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىلگىرىكى زامانلاردا پادىشاھ ئوردىلىرىدا، خاننىڭ بەزمىلىرىدە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن مەخسۇس شائىرلار بولاتتى. بۇلار ھەر خىل مەزمۇنلاردا مۇشائىرە، بەدىھىلەر قىلىشاتتى. بەزى شائىرلار خان ئۈچۈن مەخسۇس مەدھىيىلەر يېزىشقان. بۇ خىل ئەدەبىيات ئوردا ئەدەبىياتى دەپ ئاتىلىدۇ.