UyghurWiki
UyghurWikiئەدەبىياتۋەزىن

ۋەزىن

ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە، وزن _ ئۆلچەم، تارازى، ئېغىرلىق سۆزىدىن شېئىرىي نۇتۇقنى نەسىرى نۇتۇقتىن ئايرىيدىغان شېئىرىيەت ئاساسلىرىدىن بىرى. ئۇ ( ۋەزىن ) رىتىملىق نۇتۇق ھېسابلىنىدىغان شېئىرنىڭ ئاساسىي قىسىملىرىنى جەملىگۈچى ئاتالغۇدۇر، شېئىرنى قايسى ۋەزىندە ئىكەنلىكىگە قاراپ، بارماق ۋەزنى، ئارۇز ۋەزنى دېگەندەك خىللارغا ئايرىيمىز. شېئىرىي رىتىم ئاھاڭدارلىق، مۇزىكىلىق ۋەزىن تۈرى ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئارۇز ۋەزنى ( ئەرەبچە ) شېئىرىي مىسرالاردىكى سۆزلەرنى مەلۇم ۋەزن _ ئۆلچەمگە سېلىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئارۇز ۋەزنى مىسرالاردىكى بوغۇملارنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى ( قىسقا ياكى ئۇزۇنلۇقى ) نىڭ مەلۇم تەرتىپتە كېلىشىگە ئاساسلىنىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە مىسرالاردىكى رىتىملىق بۆلەكلەر روكىن دېيىلىدۇ، روكىن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ۋە « ئەلىف » (ا) نىڭ مىقدارىغا، ئۇلارنىڭ مۇتەھەررىق ( ھەرىكەتلىك ) يەنى « زىر »، « زەۋەر » ياكى « پەش » لىك بولۇشىغا ۋە ياكى ساكىن ( ھەرىكەتسىز )، « زىر »، « زەۋەر »، « پەش » سىز بولۇشىغا قاراپ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ: سەبەپ، ۋاتەد، ۋاسلە. روكىنلار بوغۇملارنىڭ مىقدارى ۋە سوزۇق ياكى قىسقىلىقىغا قاراپ سەككىز « ئاسىل » غا بۆلۈنىدۇ ۋە ھەر بىرى مەخسۇس نام بىلەن ئاتىلىدۇ، بۇ « ئاسىل » لارنى ئارزۇدا قوبۇل قىلىغان « فەئەلە » ( ھەرىكەت قىلماق ) مەستەر ( پېئىل يىلتىزى ) بىلەن كۆرسەتمەك مۇنداق بولىدۇ: 1. فەئەلۇن، 2. فائىلۇن، 3. مەفائىلۇن، 4. مۇستەف ئىلۇن، 5. فائىلاتۇن، 6. مەفائىلەتۇن، 7. مۇتەفائىلۇن، 8. مەفئۇلاتۇ. بۇ سەككىز « ئاسىل » ئايرىم ئۆزگىرىشلەر ئارقىسىدا ھەر خىل رىتىملىق بۆلەكلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، شۇ يوسۇندا ۋەزن ئەركانى ( روكىنلىرى ) كۆپىيىدۇ، بۇ ھال ئارۇزدا يۈزدىن ئارتۇق ۋەزن يارىتىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلارمۇ مۇزىكىلىق، ئاھاڭدارلىققا باي بولۇپ، ناخشىغا ئېلىشقا ناھايىتى ئوڭاي، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستلىرى شۇ خىلدىكى شېئىرلاردىن ئىبارەت. ئارۇز ۋەزنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ناھايىتى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر خىل شېئىرىيەت شەكلىدۇر، ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلانىڭ نەمۇنىلىرى قەدىمكى زامان خەلق قوشاقلىرىدا بولغان، بۇنداق قوشاقلار مۇرەببە شەكلىدىكى ( ئا ئا ئا ب ) شېئىرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » سەھىپىسىدە كۆپرەك ئۇچرىتىمىز. كلاسسىك شېئىرىيتىمىزدە ئارۇز ۋەزنى كەڭ ئورۇن ئالغان. مەسىلەن: 11 _ ئەسىردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان « قۇتادغۇ بىلىك » داستانىدا بۇ ھال ئىزچىل كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كلاسسىك شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرىمۇ ( ئەھمەد يۈكنەكى، لۇتفى، ناۋايى، خىرقىتى قاتارلىقلار ) ئارۇز ۋەزنىدە يازغان. ئارۇز ۋەزنىدىكى خەلق قوشاقلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن: تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز ، ئايغىر بۇلاقنىڭ تاغلىرى. تۆپىسىگە قار يېغىپتۇ، ئاستىدا گۈل باغلىرى. بۇ قۇشاقنى « بەھرى مۇقتەزىب » شەكلىدە يېزىلغان دېيىش مۇمكىن. يەنە بىر مىسال: زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس. جاپانى چەكمىگەن ئاشىق، ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس. بۇ بېيىت « رەمەل مۇسەممەن » شەكلىدە يېزىلغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىمۇ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان كۆپلىگەن ياخشى شېئىرلار بار. مەسىلەن: تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ « ۋەتەن ھەققىدە غەزەل » ۋە باشقىلار
← بارلىق تېمىلار ئەدەبىيات