ئىجادىيەت ئۇسۇلى
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىجادىيەت ئۇسۇلى دېگەندە يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئۇ يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى بەدئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن چاغدا، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۇتقان پۇزىتىيىسى ۋە رېئايە قىلىدىغان پرىنسپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياندا، تۇرمۇشقا قانداق قاراش، قانداق بەدئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوبراز يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار ۋە قەدەم باسقۇچ جەھەتلەردە تۇتقان پىرىنسىپلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، مانا شۇ سەۋەبتىن ، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن. مەسلەن: رېئالىزم، رومانتىزم، كلاسسزم، ناتۇرالىزم، ئېستېتىزم، ئېكسپىرېسسىئونىزم ۋە سۇررىئالىزم قاتارلىقلار. ئەدەبىيات پەيدا بولغاندىن كېيىن، رېئاللىقنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىش بىلەن غايىنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىشتەك ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغا ن ئىجادىيەت خاھىشى مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رېئالىزم بىلەن رومانتىزم ئىككى خىل ئاساسىي ۋە تۈپكى ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.