ھېسيات
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تۇيغۇ تەسىرى: روھىي تەسىرلىنىش؛ سەزگۈ.
كىشلەر ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلگەندە رېئاللىقتىكى تۈرلۈك ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن تۈرلۈك پوزىتسىيدە بولىدۇ. پوزىتسىينىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن كىشلەر بەزى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا رازىلىق، ھوزۇرلىنىش ھېس قىلسا، بەزى شەيئى، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن نارازىلىق، ئازاپلىنىش ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتلارنىڭ ھەممىسى كىشلەر ھېسياتىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى. ھېسيات كىشلەرنىڭ ئېھتىياجى قانائەتلىنىشى ياكى قانائەتلەنمىگەنلىكىگە ئاساسەن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئىچكى چۈشەنچىدىن ئىبارەت.